باشبەت     چۈشەندۈرۈش      مۇنبەر     قوراللار     ياردەم
 

ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت تۈزگۈچىلىرىدىن


ھوزۇرلىنىۋاتقىنىڭىز 18 يىلدىن بۇيان ئىشتىياق بىلەن ئىشلەنگەن ئەمگەكنىڭ مېۋىسى بولسىمۇ، ئۇ تولۇقلىنىۋاتقان نۇسخىسى بولغاچقا، تېخىچە تۈزىتىش ھەم تولۇقلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا.شۇنداقتىمۇ، توردىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان مۇكەممەل بىر ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەتنى تېزلىكتە تۈزۈپ چىقىش زۆرۈرىيەت بولغاچقا، بارلىق ئەمگەكنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلغاندىن كۆرە دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. تۈزىتىش ۋە تاماملاش خىزمىتى جەريانىدا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن تۈزگۈچىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن بىر مۇنبەر ئېچىلدى. مۇنبەرگە تەكلىپ پىكىر، تەۋسىيە ۋە تەنقىدلەرنى ئەۋەرتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، چۈنكى ئۇلارسىز لۇغىتىمىزنىڭ مۇكەممەل بولىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى سىزگە ئېنىق.

بۇ قېتىم سىزگە تەقدىم قىلىدىغانلىرىمىز 70,000 (يەتمىش مىڭ) ئۇيغۇرچە سۆزلۈك، تۈركىي تىللاردىن باشقا مەنبەدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك مەنبەسى، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇز قىلغاندىكى ئۇزۇن قىسقىلىق كۆرسەتمىسى ۋە مۇمكىن بولىدىغان ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لۇغەتگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا كىرىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر(بولۇپمۇ كلاسسىك ياكى چاغاتاي تېكىستلىرىدىن تېپىلغان سۆزلەر) پات ئارىدا قەدىمكى ھەم ھازىرقى يېزىلىشلىرىدا قوشۇلىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت تولۇقراق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى تۈزۈلىۋاتىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ۋە قىزىققۇچىلار مۇنبەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۆھبىلىرىنى ئۇنىڭغا قوشالايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋاز ۋە رەسىملىك CD نۇسخسىغا، ھەم نەشىرياتتىن چىقماقچى بولغان باسما نۇسخىسىغا قوشۇلىدۇ.

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى قىسمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنتېرنېتتا مۇنتىزىملاشقان UKY دا يېزىلدى. ئىزدەش رامكىسىغا UKY دا خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى لەيلىمە كونۇپكا تاختىللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ياكى ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقىدا كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ(كېيىنكىسى مۇستەققىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قوشۇلدى). ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى كىرگۈزگەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ قائىدىسى (گەرچە بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ) ئاساس قىلىندى.

بۇ لۇغەت دەسلەپتە ئۇيغۇرچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن، بىراق ئۇنى تەتۈر يۆنىلىشتىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىزدەش كۆزنىكىدىكى ئىنگلىزچە تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئىنگلىزچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ماس ھالدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېپىشقا بولىدۇ.

لۇغەتنىڭ لايىھىسىنى راھمانجان دۈۋەل (Rahmanjan Duval) ئەپەندى تۈزگەن ۋە بارلىق سۆزلەرنى توپلاپ تەبىر بەرگەن؛ ۋارىس ئا. جانباز ئەپەندى لازىملىق يۇمشاق دېتاللارنى تۈزگەن ۋە لۇغەتنىڭ دەسلەپكى تۈزۈش قىسمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا نۇرغۇنلىغان سۆزلۈكلەرنى تەمىنلىگەن؛ تىم رېيلى (Tim Reilly) ئەپەندى تور لۇغىتى ياساش توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ۋە ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈرى سىناق بېكىتىنى سېخىلىق بىلەن ياسىغان ھەم باشقۇرغان. قىلغان ئەجرىمىز سودا تۈسىنى ئالمىغان بولغاچقا ئىشلىتىش ھەقسىز. ئەمما سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ نۇسخىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى بار بولۇپ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالغان. باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن پايدىلىنىپ ساختىپەزلىك قىلىدىغان كىشىلەردىن ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن، ھەپتىلىك ئەڭ كۆپ ئىزدەش چەكلىمىسى 350 سۆزگە بېكىتىلدى.

 
ئاپتورلۇق ھوقۇقى 2005 ۋە بارلىق ھوقۇقلار www.uyghurdictionary.org غا تەۋە.
بارلىق ئىقتىدارلىرىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىش ئۈچۈن Internet Explorer 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يېڭى نۇسخىلىرىنى، 1024x768 لىق ئېنىقلىقتىكى ئېكراننى ئىشلىتىڭ.