ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەتنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • قىسقارتىلما سۆزلەر

UEY: ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (كونا يېزىق، 1982-يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى)
UKY/ULY: ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، 2001-يىلى دەسلەپتە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان؛ ھازىر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى دەپ تونۇيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ يېزىق 2004-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى - ULY» دەپ ئاتالماقتا )
USY: ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقى (بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە يېزىق)

  • كۇنۇپكا تاختىلىرى


ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمىيلاشقان UEY كونۇپكا تاختىسى


USY كۇنۇپكا تاختىسى

ئىزدەش كۆزنىكىگە UEY دا بىۋاستە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن «لەيلىمە كونۇپكا» تاختىسى ئىشلىتىلمىدى. ئۇ خىل كىرگۈزۈش ئۇسۇلى IE دىلا ئىشلەيدىغان كونا بېكەتتە ساقلىنىپ قېلىندى. UEY دا ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، نۆۋەتتىكى سىستېما كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى «ئىنگلىز» چىغا توغىرلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

  • ئىزدەش ئۇسۇللىرى

دەل: ئىزدىمەكچى بولغان سۆز بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش
باش: ئىزدىمەكچى بولغان سۆز بىلەن باشلانغان
ئاخىر: ئىزدىمەكچى بولغان سۆز بىلەن ئاخىرلاشقان
بار: ئىزدىمەكچى بولغان سۆز بار بولغان

  • ئىزدەش كۆزنىكى


«ئىزدەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا خالىغان تىل ياكى يېزىقتا ئىزدىمەكچى بولغان ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزۈڭ. ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا لۇغەت سىزگە شۇ سۆز بىلەن باشلانغان سۆزلەرنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئىزدىمەكچى بولغان سۆز كۆرۈنسە تەۋسىيە تىزىملىكىدىن شۇ سۆزنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: « تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» نى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز «تولۇ» نى كىرگۈزسىڭىزلا ئىزدىمەكچى بولغان سۆز تىزىملىكتە كۆرۈنىدۇ.

تەۋسىيە تىزىملىكىنىڭ تېىز كۆرۈنۈش ياكى كۆرۈنمەسلىكى ئىشلىتىۋاتقان تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. ئەگەر سىز ئىزدىمەكچى بولغان سۆز تەۋسىيە تىزىملىكىدە كۆرۈنمىسە لۇغەتتە ئۇ سۆزنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

تىل ياكى يېزىق تۈرلىرىگە چەكسىڭىز كۇنۇپكا تاختىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزگىرەيدۇ. ھەرپلەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى يۇقىرىدىكى «كونۇپكا تاختىلىرى» دىن كۆرۈڭ. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېگە بولماقچى بولسىڭىز www.ukij.org ۋە www.biliwal.com نى زىيارەت قىلىڭ.


رەسىم مەنبەسى: http://www.ukij.org/teshwiq/menu/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm
http://www.ukij.org/teshwiq/menu/UKY_Heqqide (KonaYeziq).pdf
http://www.ukij.org/teshwiq/menu/UKY_Heqqide.htm

Уйғурчә: ئۆلچەملىك ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقى (USY) ئېلىپبەسىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېگە بولماقچى بولسىڭىز بۇ بېكەت نى زىيارەت قىلىڭ.

Cyrillic alphabet for Uyghur
رەسىم مەنبەسى: http://www.omniglot.com/writing/uyghur.htm

  • لۇغەت

ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت تېخى تاماملانمىغاچقا بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى خاتا يېزىپ قويغان بولىشىمىز ياكى لۇغەت تەركىبىدىن چۈشۈرۈپ قويغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا مۇنبەر گە كىرىپ بىزگە خەۋەر قىلىپ قويغايسىز.

  • فونت

ئەگەر بېكىتىمىز ئۇيغۇر Unicode ئۆلچىمىدىكى فونت UKIJ Tuz Tom نى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر توغرا ئۇلانمىسا بۇ يەرنى بېسىپ فونت قاچىلايدىغان ۋە DLL ھۆججىتى يېڭىلايدىغان يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈڭ ھەم ئۇنى قاچىلاڭ. ئەگەر فونت قاچىلاشنى بىلسىڭىز http://www.ukij.org/fonts دىن پەقەت UKIJ Tuz Tom دېگەن فونتى سىستېمىنىڭ Fonts مۇندەرىجىسىگە قاچىلىسىڭىز بولىدۇ (مەسىلەن: c:\Windows\Fonts).

ئىشلىتىش جەريانىدا سوئالىڭىز، قىيىنچىلىق ياكى تەكلىپلىرىڭىز بولسا مۇنبەر http://www.uyghurdictionary.org/forum گە سۆز قالدۇرۇڭ؛ ياكى بىز بىلەن ئالاقىلىشىشتىن قورۇنماڭ.

© 2006 ئاپتولۇق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلار www.uyghurdictionary.org نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا تەۋە.