بېكىتىمىز تۆۋەندىكى كۆرگەزمىدىكىدەك «مېنىڭ لۇغىتىم» يىراقتىن ئىزدەش مۇلازىمىتى يولغا قويدى. بېكىتىمىز تەمىنلىگەن HTML كودى قوشۇشنى بىلسىڭىزلا بېكىتىڭىزگە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە سۆز ئىزدەش ئىقتىدارىنى قوشۋالالايسىز. بۇ ئىقتىدار قوشۇلسا تور بېكىتىڭىزگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەم سىزنىڭ بېكىتىڭىزدە تۇرۇپلا خالىغان يۆنىلىشتە سۆز ئىزدىيەلەيدۇ. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
1. رەسىم UEY بويىچە ئىزدەش |
2. رەسىم ULY بويىچە ئىزدەش |
3. رەسىم USY بويىچە ئىزدەش
|
4. تولۇق ھالىتى
|
5. پەقەت UEY نىلا ئىشلىتىش ھالىتى |
 6. ئەڭ ئاددىي ھالىتى
|
1. سوئال: يۇقىرىدىكى ئىقتىدارنى قوشىدىغان كودنى قەيەردىن تاپىمەن؟
جاۋاب:
بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ.
بۇ يەرنى چېكىپ كۆرگەزمە 1 ياكى
بۇ يەرنى چېكىپ كۆرگەزمە 2 نى كۆرۈڭ. بۇنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى ئەستائىدىل ئوقىغانلىقىڭىز ۋە كېلىشىملەرگە قوشۇلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
2. سوئال: مۇلازىمېتىرغا ئالاھىدە يۇمشاق دېتال قاچىلاش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ياق. ئادەتتىكى HTML نى قوللايدىغان ھەر قانداق مۇلازىمېتىر بولسا بولىۋېرىدۇ.
3. سوئال: يۇقىرىدىكىلەردىن قايسىسىنى تاللايمەن؟
جاۋاب: ئۆزىڭىز خالىغاننى. ئىشلەتمەيدىغان قىسمىنى چىقىرىۋەتسىڭىز قالغان قىسمىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ. تور بېتىڭىزدىكى ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ خالىغان ئورۇنغا قويسىۋالسىڭىز بولىدۇ.
4. سوئال: «مېنىڭ لۇغىتىم» نىڭ كۆرۈنىشىنى ئۆزگەرتسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ھەئە، قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلسىڭىز خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. بىراق كۆزنەك ئۈستىدىكى «© www.uyghurdictionary.org» دېگەننى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك.
5. سوئال: «مېنىڭ لۇغىتىم» نى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز؟
جاۋاب: يۇقىرىدىكى ئۇلانمىدىن بۇ قورالنى چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن ZIP ھۆججىتىنى يايسىڭىز ئىچىدىن تۆت ھۆججەت چىقىدۇ. ئۇلار uyghurdictionary_org_search.htm ، UyghurDictionaryOrgSearch.css ، UyghurDictionaryOrgSearch.js ۋە YulghunCombedit.js دىن ئىبارەت. تۆۋەندە ئۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:
- uyghurdictionary_org_search.htm : بۇ بىر ئۈلگىلىك مىسال. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى كۆرسەتمە بويىچە تور بېتىڭىزنىڭ خالىغان ئورنىغا قوشسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىڭ. سوئالىڭىز بولسا داۋاملىق سورىسىڭىز بولىدۇ.
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى لازىملىق ھۆججەتلەرنى ئۇلاش كودىنى تور بېتىڭىزنىڭ <head> ۋە <head/> نىڭ ئارلىقىغا قىستۇرۇڭ.
تۆۋەندىكى كود «مېنىڭ لۇغىتىم» نى دەسلەپلەشتۈرىدۇ ھەم نۇر بەلگىسىنى تېكست رامكىسىغا توغىرلايدۇ (نۇر بەلگىسى فوكۇسىنى تېكست رامكىسىغا توغرىلاش زۆرۈرىيەت ئەمەس). ئۇلار چوقۇم <body > نىڭ ئىچىدە بولىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى كود «مېنىڭ لۇغىتىم» نىڭ UyghurDictionaryOrgMain دېگەن بۆلەكنى UyghurDictionaryOrgSearch.css دا بەلگىلىگەن مۇقىم ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. css ئىچىدىكى UyghurDictionaryOrgMain نىڭ كوئوردىناتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى خالىغان ئورۇنغا قويىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزۈش جەريانىدا ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنغان سۆزلەر تىزىملىكىنىڭ ئورنى UyghurDictionaryOrgResult غا مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئورنىنىمۇ UyghurDictionaryOrgSearch.css دىكى UyghurDictionaryOrgResult نىڭ كوئوردىناتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خالىغان ئورۇنغا مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى ئوخشىمىغان جاھاننامىلەردە پەرقلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن. تېكست رامكىسى q غا ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقىدا خەت كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن(ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز). ھەر قېتىم كونۇپكا بېسىلغاندا onKeyPress نىڭ ئىچىدىكى فۇنكسىيەلەر ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى فۇنكسىيەلەرنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەڭ.
6. سوئال: «ئىزدەش» كونۇپكىسىنى باسقاندا چوقۇم http://www.uyghurdictionary.org/ug-arab/default.aspx غا ئۇچۇرلارنى ئەۋەرتىدىغان قىلىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئۇ ئۇلانمىغا ئەۋەرتسىڭىز بېكەت تىلى ياكى يېزىقىنى UEY بويىچە كۆرىنىدۇ. ئەگەر ULY، USY ياكى ئىنگلىزچە كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. بېكىتىمىزنىڭ مۇندەرىجە قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە:
مۇندەرىجىلەرنىڭ نامى خەلقئارادا كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتقان تىل ياكى يېزىقلارغا نام بېرىش پىرىنسىپىغا ماسلاشقان. يۇقىرىدىكى ug-arab، ug-cyrl، ug-latn ۋە en لارنىڭ ئىچىدە بەت كۆرۈنۈشىنى ماس ھالدا UEY، USY، ULY ۋە ئىنگلىزچە كۆرسىتىش ھۆججەتلىرى ساقلانغان. ئۇنداق ناملارنى قويۇش بىز يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال لايىھىلەش تېخنىكىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن (گەرچە ئۇ ناملار ھازىرچە CLDR دا ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ).
webservices دېگەن مۇندەرىجىنىڭ ئاستىتىكى ھۆججەتلەر «مېنىڭ لۇغىتىم» نىڭ «تور مۇلازىمىتى» ھۆججەتلىرى بولۇپ ئىزدىمەكچى بولغان ئاچقۇچلۇق سۆزنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئىزدەپ نەتىجىسىنى تەلەپ قىلغان ئورۇنغا ئەۋەرتىدۇ. قايسى يېزىقتا ئىزدەش lang نىڭ قىممىتىگە باغلىق.
7. سوئال: «ئىزدەش» كونۇپكىسىنى باسقاندا default.aspx غا ئەۋەرتىلىدىغان پارامېتىرلار قايسى؟
جاۋاب: ئۇنىڭغا lang، so ۋە q لارنى ئەۋەرتىش كېرەك. ئۇلار ئىزدىمەكچى بولغان ئاچقۇچلىق سۆزنىڭ تىلى ياكى يېزىقى، ئىزدەش ئۇسۇللىرى ۋە ئىزدىمەكچى بولغان سۆزلەرگە ۋاكالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر q نىڭ قىممىتىنىلا ئەۋەرتسىڭىز UEY بويىچە ئىزدەيدۇ. بىراق، lang ۋە so نىڭ قىممەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز ئىزدىگەندە خاتالىق كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئۆز پېتىچە ساقلاپ قېلىڭ. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى FF ۋە IE نى مىسال قىلغان رەسىمدىن كۆرۈڭ.
- UyghurDictionaryOrgSearch.css : «مېنىڭ لۇغىتىم» نىڭ سىرتقىي كۆرۈنىشى، ئورنى، فونت نامى ۋە ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
- UyghurDictionaryOrgSearch.js : بۇ ھۆججەت سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدىكى «مېنىڭ لۇغىتىم» نىڭ تېكست رامكىسى q غا ھەر قېتىم يېڭى ھەرپ-بەلگە كىرگۈزۈلگەندە شۇ ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن باشلانغان بارلىق سۆزلەرنى http://www.uyghurdictionary.org دىن ئىزدەپ نەتىجىسىنى تەۋسىيە تىزىملىكىدە كۆرسىتىدۇ. سۆزلەرنىڭ تەۋسىيە تىزىملىكىدە كۆرۈنۈش تېزلىكى تورىڭىز سۈرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ.
- YulghunCombedit.js : بۇ ھۆججەتنى يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن بولۇپ ئاساسلىقى «مېنىڭ لۇغىتىم» تېكست رامكىسى q غا ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقىدا بىۋاستە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى پىروگراممىدىن كۆرۈۋېلىڭ.
8. سوئال: بۇ قورالدا ئىشلىتىلگەن پارامېتىرلار ۋە ناملارنى ئۆزگەرتسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەگەر چۈشىنىپ ئۆزگەرتىۋاتقان بولسىڭىز بولىدۇ، بىراق 4 _ سوئالغا بەرگەن جاۋابىم ئېسىڭىزدە بولسۇن. بۇ قورالدا ئىشلىتىلگەن ناملار ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئۇلارنى ئۆزگەرتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
9. سوئال: بۇ قورالنىڭ سىرتقىي كۆرۈنۈشىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلسام ياكى باشقا يېزىقلاردا كۆرۈنىدىغان قىلسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلبەتتە بولىدۇ.
10. سوئال: مەن باشقا ئىقتىدارلارنى قوشۇپ تور بېكىتىمدە تارقاتسام بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ، بىراق يۇقىرىدىكىلەرنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر بېكىتىمىزدىمۇ تارقىتىشنى خالىسىڭىز سىز قوشقان قىسمىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىقىزنى ئەسكەرتىپ تارقىتىمىز.
11. سوئال: لۇغەت توغرىسىدا ياكى بۇ قورال توغرىسىدا مەسىلە بايقىسام ياكى تەكلىپ پىكىرىم بولسا كىم بىلەن ئالاقىلىشىمەن؟
جاۋاب: سەۋىيىمىز چەكلىك بولغاچقا، لۇغەتتە ۋە بۇ قورالدا كەمچىللىكلەر بار بولىشى مۇمكىن. پىكىرىڭىز بولسا www.uyghurdictionary.org نى
تۈزۈش گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2006 - يىل 21 - ئاۋغۇست